باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيىنىڭ پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسى پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى يولىنى يىراقلاشتۇردى

2015.03.24 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-مارت ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھۆكۈمەت بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھازىرقى زۇڭلى نىتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكود گۇرۇھى كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاساسلىقى رەقىبى يەھۇدىي تېرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقى ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، پارلامېنتتىكى 1-چوڭ پارتىيىگە ئايلانغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نىتانىياخۇ كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۇ باشقا ئوڭچىل پارتىيىلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، 4- قېتىم ئىسرائىلىيە زوڭلىسى بولىدۇ. نىتانىياخۇنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىدە قاتتىق قول مەيداندا بولىشىنى نەزەردە تۇتقاندا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق ئىستىقبالىدىن ئۈمىدلىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.

  مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، لىكود گۇرۇھى پارلامېنتتىكى 120 ئورۇننىڭ 30 نى ئىگىلەپ، يەھۇدىي تېرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقىدىن ئالتە ئورۇن كۆپ ئىگىلىگەن.ئىسرائىلىيە دېموكراتىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى بىن مىر مۇنداق دەپ قارىدى: لىكود گۇرۇھىنىڭ ئاخىرقى قېتىمدىكى غەلىبىسى ئاساسلىقى نىتانىياخۇنىڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشى قارالمىسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئاساسلىق قارالما بولغان سايلام يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ھايات ماماتلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقان سولچىلار بىلەن ئوڭچىلار تەرەپدارلىرى بىلەن تىركىشىشكە ئايلاندى.

  نىتانىياخۇ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىدە تېخىمۇ قاتتىق قول بولىدۇ. ئۇ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئۇدا زۇڭلى بولۇپ قالسام پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويمايمەن. ئۇ يەھۇدىي تېرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقى تەختكە چىقسا، خەلقئارانىڭ بېسىمى ئارقىسىدا چېگرا پاسىلى ۋە ئىرۇسالىمنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە پەلەستىنلىكلەرگە يول قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە غايەت زور بىخەتەرلىك تەھدىتىگە يولۇقىدۇ دېدى.

  پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى نىتانىياخۇنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا غەلبە قىلىشى ئوڭچىللار لاگىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زور دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىدىن بولۇپ، سايلام بېلىتى ئۇچىغا چىققان ئوڭچىل پارتىيە يەھۇدىيلار ئائىلىسى قاتارلىق پارتىيىلەردىن لىكود گۇرۇھىغا جەلپ قىلىنغانلىقىدىن بولدى. لىكود گۇرۇھىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاشقى ساھە يېڭى كابىنتنىڭ تەشكىللىنىشىگە دىققەت قىلماقتا. نىتانىياخۇ مەن ئوڭچىل پارتىيىلەر بىلەن كابىنېت تەشكىللەش ئىشى ئۈستىدە كېڭىشىمەن دېدى.

  بېلەت نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ قېتىمقى سايلامدا 10 پارتىيە پارلامېنتقا كىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە لىكود گۇرۇھى بىلەن يەھۇدىيلار ئائىلىسى پارتىيىسى، ئىسرائىلىيە بىزنىڭ ئائىلىمىز پارتىيىسى ۋە ئىككى دىنى پارتىيە گۇرۇھى ئوڭچىللار لاگىرىغا تەۋە بولۇپ، پارلامېنتتىكى 120 ئورۇننىڭ 57 سىنى ئىگىلىدى. يەھۇدىي تېرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب پارتىيىسى ئىتتىپاقى، مىرىس پارتىيىسى بىلەن كېلەچەك پارتىيىسى قاتارلىق تۆت ئوتتۇرا ئوڭچىل پارتىيە 53 ئورۇننى ئىگىلىدى. لىكود گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ چىققان B تەرەپ گۇرۇھى بولغان كۇلانۇ پارتىيىسى 10 ئورۇننى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر