- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يەمەندىكى دېنى مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشى كەسكىنلىشىپ قالدى
2015.03.24 17:21 مەنبە: خەلق تورى
يەمەن ۋەزىيىتىدە يېقىندا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، قۇسەي قوراللىق تەشكىلات زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە بېسىپ كېرىپ زۇڭتۇڭ ھادىنى تۇتتى، بۇنىڭ بىلەن يەمەندە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتى كېلىپ چىقتى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ يەمەندىكى دېنى مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىنىڭ كېلىپ چېقىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.
يەمەندە 20 -مارت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ ئېغىر بولغان زەنجىرسىمان قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مەسچىت بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان تۆت قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 137 كىشى قازا قىلدى، 350 كىشى يارىلاندى، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى شۇ كۈنى كەچتە بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى بىردەك ئەيىبلىدى .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ يىل داۋاملاشقان يەمەن داۋالغۇشى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىنتايىن ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان غايەت زور ھوقۇق بوشلۇقى تېررورچى تەشكىلاتلار ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق تۇپرىقى ھازىرلاپ بەردى، دىنى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشى ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2011-يىلى غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا رايونىدا ئىنقىلاب دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، يەمەنمۇ بۇ ئىنقىلاب دولقۇنىغا قوشۇلدى. 2012-يىلى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، يەمەندىكى پارتىيەلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا سىياسىي جەھەتتە يارىشىش سۆھبىتىنى ئىلىپ بېرىپ، سابىق ھاكىمىيەت، قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىتتىپاقلىشىشىنى، ئۇندىن كىيىن ئىقتىسادى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىپ، دۆلەتنى قايتىدىن تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
بىراق ئىش ئويلىغاندەك بولماي، ئۇچ يىل تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ، يەمەننىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز يامانلاشتى.
يەمەنلىك سىياسىي تەھلىلچى ھاسەن ۋالىس مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى يەمەننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى داۋالغۇشتىن پايدىلىنىپ، دىنى مەزھەپلەر توقۇنۇشى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەمەندىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئويىدا بولماقتا.
ۋالىس مۇنداق دېدى: 20-مارت يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش قۇسەي تەشكىلاتىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنئىي مەزھىپىنىڭ ئۆز ئارا توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئويىدا بولغانلىقى ئايان بولدى.
شىئە مەزھىپىدىن بولغان قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى 2014- يىلى 9-ئايدا پايتەخت سانانى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە جەنۇبىي قىسىمدىكى ئۆلكىگە كىرمەكچى بولغان، بىراق شۇ يەردىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكى قەبىلىلەر بىلەن سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئاساس قىلىنغان بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
يەمەن ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام مۇھەممەت مۇنداق دېدى: يەمەن دىنى مەزھەپلەر توقۇنۇشى جەھەتتە ئىراققا ئوخشاش يولغا كېرىپ قىلىشى مۇمكىن . يەمەنلىكلەر ئۆتكەن كۆپ يىللاردا دىنى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشىنى بېشىدىن كەچۈرمىدى، شۇنداقلا ئەزەلدىن ھەر قانداق بىر تەشكىلات مەسچىتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ باقىنى يوق، بىر قىسىم تەشكىلاتلار يەمەن ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى دىنى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشىغا ئىلىپ كىرمەكچى بولماقتا.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بازا تەشكىلاتى بولغان ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەسچىتنى ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراق بىلەن سۇرىيەنىڭ زور تۈركۈم زېمىنىنى ئىگىلىۋالغاندىن كىيىن، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە بولۇشنى تەلەپ قىلدى، بىراق ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىندى. 2014- يىلى 12-ئايدا، بازا تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارال شۆبىسىنىڭ بىر تارمىقى بازا تەشكىلاتىدىن ئايرىلىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تارماق ئۆزىنىڭ 20- مارتتىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ يىل 1-ئايدا، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى ھەمدە زۇڭتۇڭى مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇندىن كىيىن، زۇڭتۇڭ ھادى بىلەن زۇڭلى باخانى رېجىمگە ئالدى، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى زۇڭتۇڭ كومىتېتى بىلەن مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت قۇرۇپ، زۇڭتۇڭ بىلەن پارلامېنتقا ۋاكالىتەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق بۇ يەمەندىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
ھادى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، سانادىن ئايرىلىپ يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى يادەن شەھىرىگە يېتىپ باردى ھەمدە ئۇ يەردە زۇڭتۇڭىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. ھادىنى قوللايدىغان قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەمدە قۇسەينى قوللايدىغان تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك قىسىمى يادەن شەھرىدە كۆپ قېتىم قوراللىق توقۇنۇشتى. 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ھادىنى قوللايدىغان قەبىلە قوراللىق تەشكىلاتى يادىن شەھىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى. ئىككى تەرەپ ئۇرۇش داۋامىدا، يادىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ بىر قىسىم ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئايرودۇرۇم تاقالدى، ھادىنىڭ يادىن شەھرىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
سانا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىلمى پېروفىسسورى ناجىپ ھەرىبۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەر قايسى تەرەپلەر يەمەننىڭ پۈتكۈل چېگراسىنى كونترول قىلغانلىقتىن مۇرەسسەلىشىشنى خالىمايۋاتىدۇ، ھەر قايسى پارتىيەلەر سىياسىي جەھەتتە ئىلىشىش داۋامىدا قۇرال كۈچى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپتىن قورقۇتماقچى بولدى، ھېچكىمنىڭ، مەسىلىلەرنى سىياسىي جەھەتتە سۆھبەتلىشىش يولى بىلەن ھەل قىلىش نىيىتى يوق.
قوراللىق توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا، يەمەندىكى دىنى مەزھەپلەرنىڭ زىددىيىتى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىتىشتەك خەۋپنى كۆپەيتىۋەتتى.
سانا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر سىياسىي ئىلمى پىروفېسسورى فىئەيد سالىھ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر يەمەندىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىققا ئارىلاشتى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن ئەسكەرلىرى، قەبىلە قوراللىق كۈچلەر ۋە تېررورچى تەشكىلاتلار قالايمىقانچىلىققا ئارىلاشقانلقتىن، يەمەن ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ يەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 22- مارت يەمەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ ھەمدە رەئىس باياناتى ماقۇللاپ، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يەمەننىڭ سىياسىي ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇساپىسىگە ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، يەمەندىن ھەر قايسى تەرەپلەرنى ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىق ۋە زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىككە دەۋەت قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قوللىنىپ، يەمەننىڭ سىياسىي ئۆتكىلىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن، يەمەننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئۇلارنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن چېكىنىشكە دەۋەت قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ھەر قانداق بىر تەرەپ ئالاقىدار قارارلارنى ئىجرا قىلمىسا، ئۇنىڭغا قارتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا قوللىنىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى قاتارلىق يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش سۆھبىتىنى تېزلىتىشكە دەۋەت قىلدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشى ئارقىلىق، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن زوراۋانلىق ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر