- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» تولۇق تېكىستى بىلەن تارقىتىلدى
2015.03.24 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن جاڭ دېجياڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»نى تولۇق تېكىستى بىلەن تارقاتتى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى 15-مارت ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق دوكلات توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلىدى.
دوكلاتتا دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى 7 جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتۈلدى ھەمدە ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە گوۋۇيۈەن، ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە بۇندىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر