باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- ئەمەلىي ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشتا» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلدى

2015.03.24 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-مارت «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- ئەمەلىي ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشتا» دېگەن تېمىدا ئوبزور ئېلان قىلدى. ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى، تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئەمدى باشلاندى. 18-مارت ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»تا تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات- ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەت قوللانمىسى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن مەسئۇلىيەتنامە. قوللانمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مۇھىم نۇقتىسى- ئەمەلىي ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشتا.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا بېكىتىلگەن بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى 12 جەھەتتىكى 62 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ھەم مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۇنىۋېرسال سىياسەت ھەم ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش ۋە باشلامچىلىق قىلىش، ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەقىقىي تەدبىر.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات»-خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە. ئورۇنلاپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەسئۇلىيەتنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە ئالدى بىلەن تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلىي لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋەزىپىنى كونكرېت ئورۇن، كونكرېت ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تارماقلار ئارىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەدىنامىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكىتلىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەر، جەمئىيەت كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلىۋاتقان، خەلق ئاممىسى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ رازىلىقىنى، ئەمەلىي سىياسىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر