باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئائىلىلەرگە كېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

2015.03.24 13:18         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3- ئاي دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلاردىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئائىلىلەرگە كېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ مەبلەغ جۇغلاپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش ئالدىدا، شىخۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ شىچياۋ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش ئۇقۇملۇق كارتىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بالدۇر پىشار كېۋەز سورتىنى تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  شىچياۋ يېزىسى شىچياۋ كەنتى ئاھالىسى خەن سوچىن كېيىن پىشار كېۋەز سورتىنى تېرىغانىدى، بۇلتۇر كىلىمات سەۋەبلىك پاختا مەھسۇلاتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى. دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن سوچىن ئۆز جايىغا تېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان كېۋەز سورتىنى تاللاشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنتىمىزگە خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن كېيىن، بىزگە ئۇقۇملۇق كارتىسىنى تارقىتىپ، يېڭى بالدۇر پىشار تۈرىدىكى كېۋەز سورتلىرىنى كېڭەيتتى. كۆڭلىمىزدە يەنە سان بولدى، قىيىنچىلىقىمىز بولسا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولدۇق.

  شىخۇ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ شىچياۋ يېزىسى ياڭشۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ جيەنيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىچياۋ يېزىسىدا كىۋەز سورتلىرى كۆپ، قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ، بولۇپمۇ دېھقانلار بەزى شالغۇت سورتلارنى ياخشى كۆرىدىكەن. بەزى ئوتتۇرا، كېيىن پىشار سورتلار تېرىلغاچقا، بۇلتۇرقى ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدا نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ پاختىلىرى پۈتۈنلەي ئېچىلماي، مەھسۇلات مىقدارى كەڭ دائىرىدە چۈشۈپ كەتكەن، پاختا سۈپىتىمۇ تەلەپكە يەتمىگەن. بۇ يىل ئەلا كېۋەز سورتىنى نوقتىلىق كېڭەيتىمىز. ئېتىز- ئېرىق باشلىرى ياكى ئۆيلەرگە بېرىپ، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ بۇ يىل ياخشى كىرىم يارىتىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش ئالدىدا، بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تارلاق يېزىسى تارلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى 10 نامرات ئائىلىگە ئۇرۇقلۇق ۋە خىمىيەۋىي ئوغۇت يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈن سېتىۋېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار قىسمەن ئائىلىلەرگە بەردى. كەنت ئاھالىسى نىيازخان قۇربان مۇنداق دېدى: بۇغداي تېرىغانتىم، ئوغۇتلاي دېسەم ئوغۇت سېتىۋېلىشقا قۇربىتىم يەتمىدى، بېشىم قېتىپ تۇرغاندا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر خىمىيەۋىي ئوغۇت، ئۇن ئەكىلىپ بەردى. ئۇلار بىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى دىلشات غوپۇر مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىمىز كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن ۋاقتىمىزدا بەزى دېھقانلارنىڭ بۇلتۇر ئاپەتكە ئۇچراپ كىرىمىنىڭ ئانچە ياخشى بولمىغانلىقى، بۇ يىل مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، خىمىيەۋىي ئوغۇت سېتىۋېلىشقا ئامال قىلالمىغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇڭا خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ، مەبلەغ جۇغلاپ دېھقانلار ئۈچۈن خىمىيەۋىي ئوغۇت سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بەزى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىنچە ياردەم قىلدۇق.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىمىز كەنتكە كەلگەن 10 نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، كونا سۇ ناسۇسىنىڭ بىر قەدەر كىچىكلىكىنى بايقىدۇق. شۇڭا يېڭى چوڭراق سۇ ناسۇسى ئورنىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

  مارالبېشى ناھىيەسى ئاۋات بازىرىنىڭ داچىبويى كەنتى يەكەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، كەنتنىڭ 4 مىڭ 400 مو تېرىلغۇ يېرى بار ئىدى. كەنتتىكى سۇ ناسۇسىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولۇپ، قۇۋۋىتى تۆۋەن، سۇ چىقىرىش تۇرۇببىسى كىچىك، سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئاز بولۇش سەۋەبلىك، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىغا تەسىر يەتكۈزگەنىدى. مارالبېشى ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال 40 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، داچىبويى كەنتىگە يېڭى بىر سۇ ناسۇسى ئورنىتىپ بەردى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قادىر ئۆمەر مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. ئالايلۇق، بۇ كەنتنىڭ بەزى جايلىرى چىلان ئۆستۈرۈشكە ئانچە ماس كەلمىگەچكە، ياڭاق ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەنتنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر