باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە مۇناسىۋىتىدىكى قاتمال ھالەتنى تۈگىتىش تارىخقا بولغان توغرا قاراشقا باغلىق

2015.03.24 17:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ۋە كورېيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە جىددىيلىشىشكە باشلىدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سورۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىلدى، يېقىندا جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە مۇناسىۋىتىدە بىر ئاز ياخشىلىشىشلار كېلىپ چىقتى، ئۈچ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھەمكارلىشىش ئېھتىياجىمۇ زورايدى.

  ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، 21-مارت كورېيەنىڭ پايتەختى سېئولدا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يىن بىڭشى بىلەن ياپونىيە، جۇڭگو ۋە كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۇچ يىلدىن بۇيان بۇ ئۇچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى.

  بۇ خەۋەرنى كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئىسپاتلاندى. كورېيە تەرەپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مەقسىتى ئاسىيادىكى بۇ ئۇچ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كىشىدا مۇخبىرلار يىغىنىدا ، ئۇچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كەڭ دائىرىلىك قاتلامدىن مۇزاكىرە قىلىپ، رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تاراتقۇلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ 2012- يىلى 4- ئايدىن بۇيان، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكەن . گەرچە تارىخىغا بولغان تونۇش قاتارلىق تېخىچە ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەردە ئىختىلاپ ساقلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇچ دۆلەت مۇھىت، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە پۇرسەت ياراتقان. كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزسە، باشلىقلار سۆھبىتىمۇ تەبىئىي ھالدا مۇزاكىرىلىشىش باسقۇچىغا كېرىدۇ.

  جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق باشلىقلار سۆھبىتى 2012- يىلى 5-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. جۇڭگو ياپونىيە ، ياپونىيە كورېيە مۇناسىۋىتى تارىخقا بولغان تونۇش ۋە زېمىن مەسىلىسىنى چۆرىدەپ يامانلاشقانلىقتىن، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە شۇندىن كىيىن ئۇچ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزمىدى.

  جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىككى يىغىنىدا، جۇڭگو زۇڭلىسى لى كېچاڭ جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا، تۈپ يىلتىزىنىڭ يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى، تارىخقا بولغان تونۇش ۋە توغرا تونۇشنى ساقلاپ قىلىش قالالماسلىق ئىكەنلىكىنى . ئەگەر ياپونىيە رەھبەرلىرى تارىخقا توغرا قارىسا ھەمدە ئىزچىللىقنى ساقلىسا، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا يېڭى پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، 11- مارت، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ سۆھبىتى سېئولدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جۇڭگو بىلەن ياپونىيە، ياپونىيە بىلەن كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئايرىم ئايرىم ھالدا مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە مۇناسىۋىتىدىكى قاتمال ھالەتنى تۈگىتىش تارىخقا بولغان توغرا قاراشقا باغلىق. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابىشىنزو تەختكە چىققاندىن كىيىن، 2012- يىلى 12-ئايدا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ياپونىيە ۋە كورېيە ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئېغىر دەرىجىدە يامانلىشىپ، ئەسلىدە 2013- يىلى 5-ئايدا سېئولدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتى بۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى.

  ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو ياپونىيە، كورېيە ياپونىيە مۇناسىۋىتى بىر ئاز ياخشىلاندى، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھى ئۆتكەن يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىدا، ، يېقىندا جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ھەمدە ئۇندىن كىيىن ئۇچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  بىراق جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى جەھەتتە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو رەھبەرلىرى ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ پوزىتسىيەسىدە نېمە ئۈچۈن بىر ئاز ياخشىلىنىشلار بولدى؟. تەھلىلچىلەر مۇنداق ھېسابلىدى: 2014-يىلى شەرقىي ئاسىيا رايونى ئىقتىسادى كۈچەيدى، ئۇچ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئېھتىياجى ناھايىتى چوڭ، بىر بىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش مۇقەررەر يۈزلىنىش.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە: گەرچە زېمىن تالاش تارتىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قارشىدا پەرق ساقلانغانلىقتىن، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە بىر مەزگىل جىددىلىك كېلىپ چىققان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۆتكەن يىللىق ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىگە توسقۇنلۇق قىلماي، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشتى. كەلگۈسى بىر قانچە ئايدا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋەزىيىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدا، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.8 ئاشتى.

  مۇناسىۋىتى ئوخشاشلا جىددىي بولغان ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ سودا مۇناسىۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئۆتكەن يىلى، ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، بۇ يىل 1-ئايدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل يېقىندا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ياپونىيەنى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 16-مارت توكيودىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئونىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيە رەھبەرلىرىنى تارىخىنى ئىسىدا ساقلاپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكە دەۋەت قىلدى.

  بۇ يىل 1-ئايدا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئوكيان ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ كېڭىشىشى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ، جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى، شەرقىي دېڭىزگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەمدە چەتئەللەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە بىر قاتار مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  جۇڭگونىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى لى لىگوۇ 14-مارت ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاساس تېما قىلىنغان خەلقئارا يىغىنغا قاتناشتى. بۇ جۇڭگونىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئۇچ يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشى.

  بىراق دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلەمدۇ يوق؟ بۇنى يەنىلا كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو، ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش بولماسلىقى، دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئۆتكۈزۈلمەسلىكى، ئابىشىنزونىڭ تارىخقا بولغان پوزىتسىيەسىگە باغلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر