باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 4- قارارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەدەنىيەت قابىللىرى ۋە يەرلىك تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى كورلا شەھىرىدە ئاخىرلاشتى

2015.03.24 13:22         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 4- قارارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەدەنىيەت قابىللىرى ۋە يەرلىك تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى تۈنۈگۈن كورلا شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.

  5 كۈن داۋام قىلغان ئۆگىنىش جەريانىدا، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، بايىنغولىن قاتارلىق 3 ۋىلايەت، 2 ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن كەلگەن 127 مەدەنىيەت قابىلى ۋە يەرلىك تەشۋىقاتچى كورلا شەھىرىدە جەم بولۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، مەركەزلىك تەربىيەلەندى، ئۆگىنىش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئايرىم ھالدا كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتتى. كۇرسانتلار يەنە كورلا شەھىرىنىڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى ھەمدە كورلا شەھىرىنىڭ پىلانلاش كۆرگەزمە سارىيى، ياشلار- ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدە ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.

  قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن مەدەنىيەت قابىلى تۇرغۇن بەردى «زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرايلى» ۋە «قانداق قىلغاندا بالىلارنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن يېراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەزمۇندىكى 2 مەيدان لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش ئارقىلىق نېمىنى سۆزلەش، قانداق سۆزلەشنىڭ لېكسىيەدە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلىۋالدىم. ئەڭ مۇھىمى لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئاۋۋال مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەككەن. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ئارقىلىق، مەن زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنىڭ قانداق مەنىسى بارلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، پەقەت ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن قوراللىنىپ، مەدەنىيەت بازىسىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالدىم. ئاممىمۇ بۇنداق شەكىلدىكى تەشۋىقاتنى ياخشى كۆرىدىكەن.

  ئاقچى ناھىيەسىدىن كەلگەن رازىيە مۇنداق دېدى: كورلا شەھىرىنىڭ پىلانلاش كۆرگەزمە سارىيى ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يەرنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، چارە- تەدبىرلىرىنى دېھقان، چارۋىچىلارغا تەشۋىق قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە داۋاملىق 5- قارارلىق تەربىيەلەش كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت قابىللىرى، يەرلىك تەشۋىقاتچىلىرىنى سىستېمىلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىياسەت، نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيەت، تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا ئاممىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر