باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدا مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىن شىۋىننىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2015.03.24 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزدىنىش ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدا مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چىن شىۋىننىڭ «ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلىدە تېزدىن بۇرۇلۇش ياسايلى- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى داۋاملىق ئۆسۈپ، ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزاق مۇددەت بايلىق، مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت يىرىك ئېشىش ئۇسۇلىغا تايىنىش- يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ زىيادە تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتتى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك دۇچ كەلگەن تاشقى بېسىم ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قەتئىي تەۋرەنمەستىن يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش كېرەك. يېشىل يېزا ئىگىلىك، ئايلانما يېزا ئىگىلىك، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئېھتىياجى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يەر ئىسلاھاتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدە، ئېلىمىز «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويغاندىلا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر