باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشقا قوشۇلدى

2015.03.24 17:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ئالدىنقى ھەپتە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھەپتە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيەلەرمۇ بۇ بانكىغا كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپادىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ئالىملار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گېرمانىيە فىرانكىفورد پۇل-مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىساد ئېلىمى پىروفېسسورى خوست لىشىر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاسىيا يەر شارى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان رايون، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى، ئاسىيا ئىقتىسادى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت، ياۋروپا جۇڭگو بىلەن باراۋەر ھەمكارلىشىشى زۆرۈر.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لىي 18-مارت مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى باراۋەر، ئىچىۋېتىلگەن، كەڭ قۇرساق ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سەھنىسى ۋە ئۆز رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  لىشىر مۇنداق دېدى: مەيلى سىياسىي ياكى ئىقتىسادى مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسۇن، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن شەرق، غەربكە بۆلۈنگەن دۇنيا ئەندىزىسى پارچىلانماقتا. بۇ ئىجابىي بۇرۇلۇش، شەرق غەربنىڭ بۆلۈنۈشى مۇقەررەرلىك ئەمەس. بىز ھەر قايسى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىش ھەرىكىتى ياۋروپانىڭ مۇستەقىل ھالدا جۇڭگو ۋە ئاسىيا سىياسىتى تۇرغۇزىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىنى كۆپ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لىشىر: ئامېرىكىمۇ ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق شېرىكى، بۇ ياۋروپا ئۈچۈن پايدىلىق، دېدى.

  ئىتالىيە مەندالىن خۇسۇسىي فوندىنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولغان فورگىئىلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى تارىخى ئېقىمغا ماسلاشتى. جۇڭگونىڭ ھازىر ئىقتىدارى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتلەرگە ئۈسكۈنە ياساپ بېرىۋاتىدۇ، بايلىق، ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ھازىر ئاسىيادا ئىقتىدارىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر ھەمكارلىشىش قارشىلىشىشنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان دەۋر بولۇپ قالدى، ياۋروپا جۇڭگو ئارىسىدىكى ھەمكارلىق دۇنيا ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىدۇ.

  ئىتالىيە پۇل-مۇئامىلە بازىرى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سىگى مۇنداق دېدى: ئىتالىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلۇشى جۇڭگونىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»، «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ياۋروپا بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى.

  خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مۇنبىرىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى قوشۇمچە بىرلەشمە قۇرغۇچىسى دەيۋى ماش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قوشۇلۇش-قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش يولى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق، لوندوننىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىرغاقتىن ئايرىلىش مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

  بۇنىڭدىن باشقا، ماش مۇنداق دېدى: مەن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ قارارى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بۇ ھەم ئامېرىكىلىقلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ كۆز قارىشىدىكى ئوخشاشلىق.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئاساسلىقى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىمۇ ھاۋالە فوندى تەسىس قىلىشنى ئويلىشىدىكەن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىناۋەت كېپىللىكى بىلەن تەمىنلىمەيدىغان تۈرلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار ھەمكارلىقىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قېلىپى كىرگۈزۈلىدۇ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىش ئارقىلىق، خۇسۇسىي تارماقلار بىلەن خېيىم خەتەرنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى شۇنداقلا خۇسۇسىي تارماق قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى ئىللىس مازىىس 18-مارت مۇنداق دېدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، يەر شارى خىرىسىغا ئايلىنىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىشى ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلەرگە سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭلاشقا، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاسىيا ئۇل ئەسلىگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا قاتنىشىشنى قوللاشنى قارار قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر