باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان فىرانسىيەلىك قويۇپ بېرىلدى

2015.01.26 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى «باراكاغا قارشى تۇرۇش» تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان فىرانسىيەلىك ئايال تۇتقۇن 23-يانۋار قويۇپ بېرىلدى. يەرلىك بىر خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دېدى: 67 ياشلىق فىرانسىيەلىك بۇ تۇتقۇن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن 19-يانۋار ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ پايتەختى بانجىدا تۇتقۇن قىلىنغان، بىراق ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىلىق خىزمەتداشلىرى شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. «باراكاغا قارشى تۇرۇش» تەشكىلاتى خەلق ئەسكەرلىرى 20-يانۋار بانجى ئايرودۇرۇمىغا يېقىن يەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان، 21-يانۋار ئۇنى قويۇپ بەرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «باراكاغا قارشى تۇرۇش» تەشكىلاتىنىڭ تۇتقۇن قىلىۋېلىشتىكى مەقسىتى تۇتقۇنلار ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى تۇتۇپ كەتكەن «باراكاغا قارشى تۇرۇش» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر