باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورگىنى 2014-يىللىق ئون چوڭ ئاممىۋى سەھىيە خىرىسىنى باھالاپ چىقتى

2014.12.17 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش مەركىزى 15-دېكابىر 2014-يىللىق ئون چوڭ ئاممىۋى سەھىيە خىرىسىنى باھالاپ چىقتى، ئېبولا يۇقۇمى، تېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس، ئەيدىز كېسىلى ۋە تاماكا مەسىلىسى قاتارلىقلار بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ ئون چوڭ خىرىس تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئالدىنقى تۆتى بىرىنچى تۈردىكى خىرىس بولۇپ، بۇلار يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتى. ئېبولا يۇقۇمى بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش مەركىزى مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ئېبولا يۇقۇمى تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ كېسەللىك، ئېبولانىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى مەنبىيى ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىلا كىشىلەر ئاندىن يۈزدە يۈز پىرسەنت بىخەتەر بولالايدۇ. ئۇندىن قالسا ئانتوبىئوتىك دورىغا چىداشلىق بولۇش مەسىلىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ. ئۈچىنچىسى EV- D68 بىلەن يۇقۇملىنىش. بۇ خىل ئاز كۆرۈلىدىغان ۋىرۇس ئېغىر نەپەس يولى سىستېمىسى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاساسلىقى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر