خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىللىق يەر شارى خېنىمى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى 14-دېكابىر، لوندوننىڭ شەرقىي رايوندىكى ExCel مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى،120نەپەر ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن گۈزەللەر سەھنىدە بەسلەشتى. ئەڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي ئافرىقىلىق ستراۇس خېنىم ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشچە، ستراۇس ھازىر 22 ياشقا كىرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن، ئەركىن دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىلمى فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىكەن. 3 ھەپتىلىك گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىدا ، تەنھەرىكەت مۇكاپاتى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مودېل، قۇملۇق ساھىل مودېلى، سەنئەت ئارتۇقچىلىقنى نامايان قىلىش قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ ۋە ئوكېسفوردە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش جەرياندا، نۇرغۇن گۈزەللەرنى يېڭىپ ئەڭ ئاخىرى 2014-يىللىق يەر شارى خېنىمى تاجىغا ئېرىشكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى