باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار>>تۇنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلار مۇنبىرى

ئاساسىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرايلى

تۇنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلار مۇنبىرى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

2014.12.17 16:56   مەنبە: خەلق تورى

تۇنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلار مۇنبىرى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ مىللەتلەر دوستلۇق بىرلەشمىسى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى قارمىقىدىكى كارخانىچىلار گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، « ئاساسىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرايلى» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلار مۇنبىرى 13-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىدا غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭدىكى ھەر ساھەدىن كەلگەن 60 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن بېيجىڭدىكى ھەر ساھە تەتقىقاتچى مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتى، بېيجىڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق قىلىپ، مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئۆگىنىش قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلسۆيەر بۇرھان شەھىدى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل باش كاتىپى تۇرۇپ بارات، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر دوستلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ لى، باش كاتىپى جاڭ شۆبىڭ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى ۋىدات مىجىت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇكېرىم، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنجان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرىشىت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل-مۇئامىلە فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې پىڭ «جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كۇرسانتلارنى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى؛ بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پوسدوكتۇرى جاڭ جيۇئەن «جۇڭگو ئارزۇسى»، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇتۇش قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەپ، كۇرسانتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى؛ مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى دولقۇن قادىر «ئالاقە تورى دەۋرى ۋە تەپەككۈر شەكلىمىز» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۆزى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان بىر قانچە كىتابنى ھەمبەھىرلىدى. بېيجىڭ خولد مائارىپ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇلخەبىر مۇھەممەتنىڭ ئوقۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىلىرىدىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئوپچە خاتېرە سۆرەتكە چۈشۈپ، لېكسىيە سۆزلەش باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  كەچلىك تاماقتىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەشرەپ قىلدى. «ياشلار ئانسامبىلى»نىڭ ئېسىل مۇزىكىلىرى بىلەن سورۇن ئەۋجىگە چىقتى. مەردانە ساما ئۇسسۇلى بىلەن بۇ قېتىمقى ياشلار مۇنبىرى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بىنجوۋدىكى بىر ئالى مەكتەپ 10 مىليون يۈەنگە توشۇشتىن چېكىنگەن بوئىن 737 تىپلىق بىر ئايروپلان سېتىۋى…
      ·بۈگۈنكى مائارىپ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى
      ·ئەنگىليە دوكلاتى: جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ رەت تەرتىپى يۇقىرى كۆتىرىلدى، چىڭخۇا تۇنجى قېتىم ياپۇني…
      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…