- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەت بويىچە 3200دىن ئارتۇق مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى «سالتاڭ ئەمەلدار» تازىلاندى، مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىدى
2014.12.17 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى، بېيجىڭ، 15-دېكابىر تېلېگراممىسى. ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى «خەلق گېزىتى سىياسىي خەۋىرى»نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مۇخبىرنىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەزنىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپىسى) ۋە تەشكىلات، كادىرلار بۆلۈمى 2014-يىلى «سالتاڭ ئەمەلدار»لارنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. ھازىرغىچە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە 3200دىن ئارتۇق مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار جورىسى ياكى بالىلىرىنىڭ چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەنلىك ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان؛ ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلىدىغان شۇنداقلا جورىسى ياكى بالىلىرى چەت ئەلدىن قايتىپ كېلىشنى خالىمايدىغان مىڭغا يېقىن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىگەن.
«سالتاڭ ئەمەلدار»لارنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۇ يىل 2-ئايدا «جورىسى چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقىتىپ، جورىسى چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەن، ياكى جورىسى يوق، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى(ئادەتتە «سالتاڭ ئەمەلدار» دېيىلىدۇ)نىڭ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرى، دۆلەت كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مەخپىيىتى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا چېتىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر