باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلى ئىقتىساد سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى

2014.12.17 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-17 16:22:26 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: يېڭى ھالەتكە كىرگەن جۇڭگو ئىقتسىادى 2014-يىلى خەلقئارادا ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئېغىر خىرسىغا ئۇچرىدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدىن ئۈمىد بار، كىشىنىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ تارتىدىغىنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت قوش چاقنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتى، تەرەققىيات سۈپىتى ئۆستى، ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، تۈرلۈك تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ مەبلەغ سالغان ئاپپاراتلار 100 مىليارد يۈەن مەبلەغنى كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئېلىكتىرونلۇق سودا، ساغلاملىق داۋالىنىش ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق تېخنىكا ۋە ئىقتىساسلىقلار زىچ توپلاشقان كەسىپلەرگە سالدى.

  سانائەت ئوتتۇرا يۇقىرى سۈپەتلىك كەسىپلەرگە يۈزلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇلازىمەتچىلىك ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى ئەڭ چوڭ مەنبەگە ئايلاندى. ئىستىمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپىسى مۇقىم ئاشتى، سېلىنمىدىن ئېشىپ ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى 1- ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى، تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئىختىساسلىقلار بىلەن تېخنىكا زىچ توپلاشقان ئۇچۇر يەتكۈزۈش يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكى، ئىلمى تەتقىقات ۋە تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىدە يېڭىدىن تىزىمگە ئالدۇرغان كارخانىلار %98.5 ۋە %71.4 ئاشقان.

  پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان 2015-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، 13- بەش يىللىق پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەدرىجى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ بازار ھاياتى كۈچى ۋە ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوزغىتىلدى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى ئۆزلۈكسىز تېزلىتىلدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۈددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالى پارلاق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر