باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي سۇداندىكى ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى تەلەپ قىلىندى

2014.12.17 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي سۇداندا توقۇنۇش پارتىلىغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 15-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە تولۇق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆتكۈنچى مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ياش دۆلەت ئۆتكەن بىر يىلدا سۈنئىي سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىگە پېتىپ قالدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش ۋە دەپسەندە قىلىش قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى كېل ۋە سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مەشئەل ھەمدە بارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىن زوراۋانلىقنىڭ يەنىمۇ ئەدەپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، 2014-يىلى 9-ماي ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا كېل جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەشئەلنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئۆتكەن يىلى 15-دېكابىر ئىككى گۇرۇھ پايتەخت جۇبادا ھەربىي توقۇنۇشتى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر