باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان ئېلىپ قۇبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى

2014.12.17 16:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم يۈرۈشلۈك سىياسىتى سۈپىتىدە مائارىپ مىنىستىرلىقى تۆنۈگۈن «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش پىكىرى»،«ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى باھالاشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى» ئېلان قىلدى. مەملىكەت بويىچە 2015-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، چەتئەل تىلى قاتارلىق 9 دەرسلىك ۋە سەنئەت، تەنتەربىيە، ئاممىباپ ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ليۇ لىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى-ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇش، لايەقەتسىز بولۇش ۋە دەرىجە بويىچە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزىلىدىغان دەرسلىكلەردىن باشقا، دەرسلىكلەر دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي ئوقۇش تەلىۋىگە يەتسە، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسىلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتىكى ئەڭ زور بۆسۈش نۇقتىسى شۇكى سىناق قىلىنىدىغان رايون شاڭخەي بىلەن جېجياڭ تۇنجى قېتىم 2017-يىلغىچە ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي نەتىجىسگە قوشىدىغان بولدى. شۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش تەلىپى ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىدىيىۋى سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈچ پەننى تاللىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر