باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇننى قاتتىق نازارەت قىلىش سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

2014.12.17 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتى گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش ساۋ جيەنمىن «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 24- سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نازارەتچى نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ قۇبۇل قىلىشى كېرەك. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت قانۇنىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھەر قانداق بىر كىشى ھەر قانداق بىر بانا بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە سۆز بىلەن قانۇنغا ۋەكىللىك قىلىشقا، ھوقۇقى بىلەن قانۇننى باستۇرۇشىغا، شەخسى غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇشقا بولمايدۇ. تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن ئاخىرى ئۆز ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى قانۇنى نازارەتچىلىك بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتىشى كېرەك.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنى نازارەتچىلىكتىكى مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر دېلودا ئادىل ۋە ھەققانىيلىقنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەدىلىيە ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش قانۇن تەپتىش ئورگىنىغا بەرگەن مەخسۇس مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەپتىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە رۇشەن ئالاھىدىلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر