باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن ھۆججەت چۈشۈرۈپ، باج قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

خېرىدار چاقىرىش-مەبلەغ جەلب قىلىشتا باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتمەيلى (سىياسەت يەشمىسى . قىزىق نۇقتا)

2014.12.10 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن 12-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىشىمچە، گوۋۇيۈەن يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، گوۋۇيۈەن ھۆججەت چۈشۈرۈپ، باج قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ، شۇنداقلا ئادىل رىقابەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش دائىرسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىم ھەم باج، باجدىن باشقا تۈرلۈك كىرىم ئېتىبار سىياسەتلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدىكەن، ھەم كارخانىلارنىڭ باج تاپشۇرۇشىدىكى ياكى باجدىن باشقا كىرىمنى چېتىشقا مۇناسىۋەتلىك مالىيە چىقىم توغرىسىدىكى ئېتىبار سىياسەتلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدىكەن. جايلار مەخسۇس ئېنىقلاش ئەھۋالىنى 2015-يىلى 3-ئايدىن بۇرۇن مالىيە مىنىستىرلىقىغا يوللايدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە مالىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىمۇ بارىكەن.

  ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەم باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى، ھەم مالىيە تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ شاڭشى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تەڭ ھەمتۈرتكە بولىدۇ، جايلار ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇپ قالماستىن، تارماقلارمۇ ئوخشاش تەلەپ بويىچە قانۇن بويىچە ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ».

  ليۇ شاڭشى مۇنداق دېدى: «ھازىر تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرى ئۇششاق-چۈششەك بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتتى. دۆلەتنىڭ بەزى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى رايون يىرىك پىلانى قاتارلىق ئىشلارنى تەستىقلىغاندا، باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى قوشۇپ قويغان؛ بەزىلىرى يەرلىك ئۆزلىرى يولغا قويغان باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدۇر، ئالايلۇق: كارخانىلارغا قارىتىلغان باجنى ئاۋۋال ئېلىپ، ئاندىن قايتۇرۇش، مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدۇر. گوۋۇيۈەننىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش دائىرسىگە كىرىدۇ».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر