باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خاتا ھۆكۈم قىلىنغان دېلونىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى باشلىدى

2014.12.17 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 15-دېكابىر تېلېگراممىسى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ يىفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ دېلوغا خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولدى، لېكىن بۇنىڭدىن چوقۇم چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، قاتتىق ئويلىنىشىمىز كېرەك، خاتا ھۆكۈم قىلىنغان دېلونىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پارتگۇرۇپپىسى 15-دېكابىر چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، خۇگجېلتۇ دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىنكى خاتا ھۆكۈم قىلىنغان دېلونىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. يىغىندا پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ يىفېڭ مەسئۇل بولىدىغان، دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاۋ جيەنپىڭ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خو لياڭ ۋە ئالاقىدار تارماقتىكى خادىملاردىن تەركىب تاپقان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، شۇ كۈندىن باشلاپ سوت سېستىمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا ھۆكۈم قىلغان دېلودا مەسئۇلىيىتى بارلارنى ئىنتىزام-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر