باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ئۇستام: مەن ئايروپىلاندىن چىققان بۇلغانمىنى تازىلايمەن

2014.12.19 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سائەت نۆلدىن ئاشقاندا، ئايروپىلاننىڭ بۇلغانمىسىنى تازىلاۋاتقان ۋاڭ دېئەي ئۇستام ئۈرۈمچى ئايرۇدرومىدا قەھىرتان سوغۇققا قارىماستىن تۆت سائەت ئالدىراش بولدى. ئۇنىڭ خىزمىتى بۇ يەرگە توختىتىپ قويۇلغان ياكى كېچىچە توختىتىپ قويۇلغان ئايروپىلانلاردىكى بۇلغانما سۇ ۋە بۇلغانما ماددىلارنى تازىلاپ، پاكىز سۇنى ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار بۆلۈمىگە يەتكۈزۈش. خىزمەت داۋامىدا ھاجەتخانىدىكى بۇلغانغان سۇ، قول يۇيۇش كۆلچىكىدىكى مەينەت سۇلار ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا چېچىلىپ كېتەتتى. بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايتتى.

  نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گرادۇرۇسلۇق سوغۇقتا، مۇخبىر ئىككى مامۇق چاپان كىيىۋالغان بولسىمۇ توڭلىغىنىدىن تىتىرەپ كەتتى. ۋاڭ ئۇستام نېپىز سۇلياۋ پەلەي بىلەن ئالدىراش خىزمەت قىلىپ يۈرگەن ئىدى.

  40 ياشلىق ۋاڭ ئۇستامنىڭ بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولدى. ئۇ كېچىلىك ئىسمىنا ئىشلىگەندە 1-كۈنى كەچ سائەت 6 دىن 2-كۈنى ئەتىگەن سائەن 6 گىچە ئىشلەيتتى. ۋاڭ ئۇستام مۇنداق دېدى: ھازىر بىز بىر كېچىدە ئاتمىش، يەتمىش ئايروپىلان ئۈچۈن مەشغۇلات قىلىمىز، ئارىلىقتا دەم ئالغىدەك ۋاقىتمۇ چىقمايدۇ، بولۇپمۇ ئىلگىرى يوق بولغان يېڭى تىپتىكى ئايروپىلانلار كۆپەيگەنلىكتىن خىزمەتنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئاشتى. ئەڭ قېيىن خىزمەت كېيىنكى يېرىم كېچىدىن باشلىنىدۇ.

  سەھەر سائەت 5 دىن كېيىن، قونىدىغان ئايروپىلانلار ئاستا ئاستا ئازىيىدۇ. ۋاڭ ئۇستام مۇشۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ سېخقا بېرىپ ئۈستىدىكى ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيملىرىنى يەڭگۈشلىۋالىدۇ. ۋاڭ ئۇستامنىڭ ئىككى بالىسى بار، ئوغلى شىنجاڭ تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، قىزى يۇرتىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ. ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئەر ئايال ئىككەيلەن بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۈرۈمچىدە 67 كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر نىمكەش ئۆي سېتىۋالغان ئىدى، ئۆيى گەرچە ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككەيلەن تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر