- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


12–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» قار–مۇز جىلۋىسى بايرىمى 2015–يىلى 10–يانۋار باشلىنىدۇ
شەھەر ئاھالىلىرىگە 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك قار تېيىلىش كارتىسى تارقىتىلىدۇ
2014.12.18 18:30 مەنبە: خەلق تورى
ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد: ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 18 – دېكابىر ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 12 – نۆۋەتلىك «يىپەك يولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمى 2015 – يىلى 10 – يانۋار باشلىنىدىكەن. بايرام 2015 – يىلى مارتقىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئىگىلىشىمچە، «يىپەك يولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى بىر مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، ھازىرغىچە 11 قېتىم مۇۋەپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ نۆۋەتلىك بايرامدا «تەڭرىتاغدا قار – مۇزدىن ھوزۇرلىنىپ، يىپەكيولى ساداسىغا جۆر بولايلى» ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش تېما قىلىنىپ، بايرامنى شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئەڭ ياخشى بىر قىشلىق ساياھەت قىلىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىش ئىكەن. ئۈچ ئايغا سوزۇلغان بايرام جەريانىدا تۈرلۈك چوڭ كۆلەمدىكى كۆڭۈل ئېچىش، چاڭغا تېيىلىش، قاردىن ھەيكەل ياساش، ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش، قارلىق دالىدا مېڭىش، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا، خەلق ساقچىلىرىغا، مېيىپ بالىلارغا ، مەھەللىلەردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە چاڭغا مەيدانلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە 2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىنىدىغان مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەييارلىق بولغان «مەملىكەتلىك ئېگىز قارلىق تاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى»، قىشلىق سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى، مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىنىدىكەن. شەھەر خەلقىنىڭ قىشلىق ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن بىر مىليون يۈەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق سەككىز چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، شەھەر خەلقىگە چاڭغا تېيىلىش كارتىسى تارقىتىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر