باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئانا دەريالارنى قوغداش ھەرىكىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچتى

2014.12.19 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئانا دەريالارنى قوغداش ھەرىكىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 17-دېكابىر بېيجىڭدا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى يەكۈنلەش يىغىنى ئاچتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لو پۇخې يىغىنغا قاتناشتى.

  شېن يۆيۆ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 15 يىلدىن بۇيان، ئانا دەريالارنى قوغداش ھەرىكىتىدە مول مەزمۇنلۇق ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش تەشۋىقاتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ياش ئۆسمۈرلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش، ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنىڭ يېڭى ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇش يولى تېخى يىراق. بارلىق ياش ئۆسمۈرلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، سۈزۈك ئاسمان پاكىز سۇ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  ئانا دەريالارنى قوغداش ھەرىكىتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىق سەككىز ئورۇن بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئېكولوگىيە قوغداش ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى. قانات يايدۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان، 5700 دىن كۆپرەك ئېكولوگىيىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئورمىنى بەرپا قىلىندى. ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون 700 مىڭ موغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر