باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەملىكەتلىك رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېردىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2014.12.18 16:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 16-دېكابىر ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇش تۈرى ۋە قىممىتىنى يەنىمۇ كېمەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلىدىكەن. ئولىمپىك مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەملىكەتلىك رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېردىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتى» قاتارلىق بەش تۈرلۈك نومۇر قوشۇش تۈرىلا ساقلاپ قىلىنىدىكەن.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئالتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ

  1. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە «خەلقئارالىق مۇھىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە كوللېكتىپ ياكى يەككە تۈر بويىچە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يەككە تۈرىدە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر».

  2. «دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچىدىن(2-دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقىرى ئاتاقتىكىلەر»

  3. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى(ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئۇچۇرشۇناسلىق) ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر.

  4. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى(مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىئولوگىيە ۋە مۇھىت ئىلمى بويىچە ئەمەلىي پائالىيىتىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، «كەلگۈسىدىكى كىچىك ئالىم» مۇكاپاتلاش پائالىيىتى، مەملىكەتلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كومپېيوتېر مەشغۇلاتى پائالىيىتىدە 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر، خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش چوڭ مۇسابىقىلىرى ۋە خەلقئارالىق مۇھىت پەن تەتقىقات تۈرلىرى بويىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر.

  5. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغانلار.

  6. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئىدىيە، سىياسەت، ئەخلاق جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك ئىش-پائالىيەتلىرى ئېتىراپ قىلىنغانلار.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بەش تۈردىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەنىلا نومۇر قوشۇش سالاھىيىتىگە ئىگە

  بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا رىغبەتلەندۈرۈش خاراكتېردىكى نومۇر قوشۇشقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۆلەش خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇش يەنىلا ساقلىنىپ قېلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۆۋەندىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇر قوشۇش سالاھىيىتى ساقلاپ قىلىنىدۇ:

  1. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتى.

  2. چېگرا رايون، تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىمتىھان بەرگۈچىلەر

  3. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ پەرزەنتى ۋە تەيۋەن ئۆلكىسى تەۋەلىكىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر

  4. ھەربىي سەپتىن ئۆزلۈكىدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر

  5. ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا 2-دەرىجىلىكتىن(20دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقىرى تۆھپە كۆرسەتكەن ياكى چوڭ ھەربىي رايوندىن(چوڭ ھەربىي رايوننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقىرى ئورۇندا شەرەپلىك نامغا ئېرىشكۈچى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر