باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئامېرىكىنىڭ كۇبا بىلەن قايتىدىن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.12.18 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 17-دېكابىر چۈشتە ئاق سارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئامېرىكىنىڭ كۇباغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ كۇبا بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۇبانى تېررورىزم دۆلىتىنى قوللايدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى دەرھال قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ كۇباغا بولغان ساياھەت، پۇل-مۇئامىلە، ئىمپورت-ئىكىسپورت جەھەتلەردىكى چەكلىمىسىنى بوش قويۇۋېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ 1961-يىلى 1-ئايدا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىنكى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. ئوباما مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر