باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرەيلى

2014.12.19 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 17-دېكابىردىكى سانىدا «مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى 5- نۆۋەت ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: كېلەر يىلقى ئىقتىساد خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈتكە بولۇشنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بۇ بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تايانچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبىيى. مەملىكەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ھالەتكە كىردى، سۈپىتى تېخىمۇ ئەۋزەل، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تايىنىش كېرەك؛ يەر شارىغا نەزەر سالساق، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمۇ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلانماقتا. يېڭىلىق يارىتىش ئارقلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە تۈپ مەنبە- مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، ئاچقۇچ- تۈزۈلمە مېخانىزىمىنىڭ توسالغۇلىرىنى بۇزۇپ تاشلاشتا. مەقسەت- يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە. پۈتۈن پارتىيە ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ كۆرەش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات تۈرتكىسى ئارقىلىق يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا كۈچلۈك ۋە ئۇزاق مۈددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر