باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتىگە بولغان سەۋرى تاقىتىنى ئاستا-ئاستا يوقاتتى

2014.12.19 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۆزلۈكسىز كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ رايون ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن يامانلىشىشدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. پەلەستىنمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارار سۇنۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە خاتىمە بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پەلەستىن، كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارار سۇنۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى پىلانلىدى.

  پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەمەلدارى يېقىندا مۇنداق دېدى: پەلەستىن رەھبەرلىك قاتلىمى 17-نويابىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن، پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش پىلانىنى ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا باھا بېرىشنى رەت قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 15-نويابىر رىمدا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى كېڭىشكەن.

  ئىگىلىنىشچە، كېررىنىڭ بۇ قىتىمقى سەپىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش ئىكەن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنىتلىرى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن قارار ماقۇللاپ، ئۆز دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  كېررى 14-دېكابىر ئىتالىيەگە يېتىپ باردى ھەمدە رىمدا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئۈچ سائەت سۆھبەتلەشتى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: كېررى بىلەن لاۋروفمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىياتى ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشى قوللىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  كېررى پارىژدا بىر نەچچە سائەت توختىغاندا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىلىرى ھەمدە يېڭىدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن موگەيىرنى بىلەن كۆرۈشتى، ئارقىدىن ئۇ پەلەستىننىڭ سۆھبەت ۋەكىلى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن لوندونغا يۈرۈپ كەتتى.

  كېررىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تېنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بۇ يىل 4-ئايدا مەغلۇپ بولدى ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا غەززادا پارتلىغان 50 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ جىددى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز يامانلىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  نىتانىياخۇ كىلەر يىلى 3-ئايدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى ۋاقىت قىسقارتىلدى، دەپ ھىسابلىدى.

  ئىيوردانىيە ئۆتكەن ئايدا پەلەستىن توغرىسىدىكى بىر پارچە ھۆججەتنى ئاشكارىلىدى، بۇ ھۆججەتتە پەلەستىننىڭ 2016-يىلى 11-ئايدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىشى ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا قارشى تۇرۇش مەيدانىنى قوللاندى.

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ يېقىندا ئەسكەر چېكىندۇرۇش مەسلىسىدە توختالدى ھەمدە ئىككى يىل ئىچىدە ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئەسكەر چېكىندۈرۈلسە، ئىسلام ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى تىل-ئاۋىف رايونىدىن ئېروسالىمغا كېرىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مۇساپىسى بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى سەيرى 15-دېكابىر خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇنداق دېدى: 2014-يىلى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى خىرىسقا تولغان بىر يىل بولدى، تېنچلىق سۆھبىتى يەنىلا قاتمال ھالەتتە تۇرۇپ، ئەھۋال ئۆزلۈكسىز يامانلاشتى. بۇ يىل يازدا غەززا رايۇنىدا يەنە 51 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇش يۈز بەردى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتىگە بولغان سەۋرى تاقىتىنى ئاستا-ئاستا يوقاتتى. باش كاتىپ بان كىمون خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئىلىپ بېرىۋاتقان كېڭىشى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەرىكىتىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خەۋىپسزلىك كېڭىشى 15-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېغىن ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى بويىچە ئالاھىدە ياراشتۇرغۇچى سەيرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى. سەيرى مۇنداق دېدى: فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە پارلامېنتلىرى ئارقا-ئارقىدىن چەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولمىغان قارار ماقۇللاپ، ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى مۇراجەت قىلدى؛ ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەت پارلامىنىتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى يۈزلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە بولغان سەۋرى تاقىتىنى ئاستا-ئاستا يوقۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

  سەيرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا قاھىرەدە ئۆتكۈزگەن بىر قىتىملىق يىغىنىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىر تۈرلۈك قارار لايىھەسىنى سۇنۇپ، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ۋاقىت رامكىسىنى بېكىتىشنى قارار قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر نۆۋەتتە بۇ ئىش ئۈستىدە كېڭىشمەكتە ھەمدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخىرقى ئورنىنى بېكىتىش كېلىشىمىنىڭ ئالاقىدە دائىرىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

  سەيرى مۇنداق دېدى: بۇ مۇزاكىرە گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، بىراق كىشىلەر، بۇ ھەرىكەتنىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان ھەقىقى ۋە ماھىيەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. باش كاتىپ بان كىمون خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەرىكىتىنىڭ پايدىلىق ئىجابىي يۈزلىنىشلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك رامكا تىكلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشى ئۇنىڭ بۇندىن 50 يىل ئىلگىرى بۇ توقۇنۇش توغرىسىدا 242-نومۇرلۇق قارار ماقۇللىغاندىن بۇيانقى قوللانغان بىر مۇھىم تەدبىرى بولۇپ ھېسابلاندى.

  سەيرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېروسالىم بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھەر كۈنى بۇ يەردە توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە. ئۆتكەن بىر ئايدا، پەلەستىنلىك جەمئىي 633 كىشى يارىلاندى، 406 كىشى ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىمى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 9 ئەسكىرى ۋە 20 پۇقراسى يارىلاندى.

  ئۇندىن باشقا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە دىنى مۇقەددەس جايدىكى ئالاقىدار جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىسرائىلىيە ئۆتكەن 10 يىلدىن كىيىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا جازالاش خارەكتېرلىك چىقىش ئۇسۇلىنى ئەسلگە كەلتۈردى.

  غەززادا، شۇ يەرنى قايتا قۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر 22 مىڭ توننا قايتا قۇرۇش ماددىي ئەشياسى غەززەغا توشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر