باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ئېبولا ۋىرۇسىدا 6915 ئادەم قازا قىلدى، 20 مىڭغا يېقىن ئادەم يۇقۇملاندى

2014.12.19 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 17-دېكابىر ئېبولا ۋىرۇسىدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە جەمئىي 6915 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن غەربىي ئافرىقىدا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

  14-دېكابىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئېبولا يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان سەككىز دۆلەتتە جەمئىي 18 مىڭ 603 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6915 ئادەم قازا قىلغان. بۇ سەككىز دۆلەت ئىچىدە كېنىيە ، لىبىرىيە ۋە سېررالېئوندا يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 18 مىڭ 569 ئادەم يۇقۇملانغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 6900 ئادەم قازا قىلغان.

  غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئۆزگەرمىگەن (مالىدا ئالتە ئادەم، ئامېرىكىدا بىر ئادەم، نىگېرىيەدە سەككىز ئادەم قازا قىلغان). بۇنىڭ ئىچىدە نىگېرىيە 10-ئايدا ئېبولا ۋىرۇسىدىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر