باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014–يىلىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر

2014.12.19 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەككىز ئاچقۇچلۇق سۆز 2014–يىلىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كىشىلەر 2014 – يىلىدىكى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىگەندە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى. بۇ يىل چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلدى. پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى ناھايىتى كەسكىن ۋە قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق جازالاپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرغانلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

  بەزى ئالىملار چىرىكلەشكەنلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن پاش قىلىنىشى بىلەن بىللە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭمۇ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تېزدىن ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. ‹‹شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۆزىتىش نۇقتىسى›› سەھىپىسىنىڭ مۇخبىرلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى سەككىز ئاچقۇچلۇق سۆزنى رەتلەپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

  ئاچقۇچلۇق سۆزيولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ تەڭ زەربە بېرىلدى

  18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركەز يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ تەڭ زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈردى، يەنى ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك 50 نەچچە ئەمەلدار، مۇئاۋىن دۆلەت باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۈچ ئەمەلدار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ دائىرىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، دۆلەت كارخانىسى قاتارلىقلارغىچە چېتىلدى.

  2014 – يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى مىسلىسىز بولدى. 11 – ئايدىلا، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر 40 قا يەتتى. ‹‹يولۋاسلار›› ئارقا – ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشتىن سىرت، ‹‹چىۋىنلەر››مۇ كەڭ دائىرىدە تازىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى 84 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرى ئىنتىزام بويىچە چارە كۆردى. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى 1 – ئايدىن 9 – ئايغىچە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى دېلوسىدىن 27مىڭ 235نى تۇرغۇزدى، بۇ دېلولارغا چېتىلىدىغانلار 35مىڭ 633 كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھاكىم – باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كادىر 33مىڭ 25 كىشى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گاۋ بو مۇنداق دېدى: 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى مىسلىسىز بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شۈ سەيخۇ، جۇ يۇڭكاڭلاردىن تارتىپ خېبېي ئۆلكىسىدىكى ‹‹ئالتۇن ساقلىغان كىچىك ئەمەلدار››لارغىچە ھەممىسى تەكشۈرۈلدى، مەيلى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قانچە يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، چىرىكلەشكەنلا بولسا تازىلاندى. يولۋاسقا زەربە بېرىشتە چەكلەنگەن رايون بولمىدى، چىۋىنگە زەربە بېرىشتە يوچۇق قالدۇرۇلمىدى، پۇقرالار بۇنىڭدىن ئىلھاملاندى ھەم ئۈمىدكە تولدى.

  ئاچقۇچلۇق سۆز سەييارە كۆزىتىش كۈچەيتىلدى

  يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارتىيەمىز 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ سەييارە كۆزىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەھەتتە ئىزدەندى. ھازىر سەييارە كۆزىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئۆتكۈر شەمشەر بولۇپ قالدى. 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركەز كۆپ قېتىم سەييارە كۆزىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئومۇميۈزلۈك سەييارە كۆزەتتى، سەييارە كۆزىتىشنىڭ سالمىقى ۋە ئۈنۈمى مىسلىسىز بولدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ رۇڭ، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى بەي ئېنپېي قاتارلىقلارنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش يىپ ئۇچى سەييارە كۆزىتىش داۋامىدا بايقالدى.

  2014 – يىلى سەييارە كۆزىتىش كۈچەيتىلدى، يەنى بىرىنچىدىن، سەييارە كۆزىتىشنىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىلدى، بۇلتۇرقى ئىككى قېتىم سەييارە كۆزىتىش بۇ يىل ئۈچ قېتىمغا كۆپەيتىلدى. ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە ئالتە ئورۇن كۆزىتىلىپ، قېتىم سانى 2013 – يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى؛ ئىككىنچىدىن، سەييارە كۆزىتىش خىزمىتى تېخىمۇ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلدى. پىكىر بېرىلگەن دوكلاتلار ئايرىم دېلولارغا چېتىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭدا يەنە چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى يىغىنچاقلاپ رەتلەش ۋە يېڭى يۈزلىنىش توغرىسىدا ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش، يولۋاسلارنى چۆچۈتۈش تەكىتلەندى. ئۈچىنچىدىن، قاراتمىلىقى بولغان ‹‹مەخسۇس تۈرلەر›› كۆپەيتىلدى. يەرلىك ئورۇنلارنى نورمال كۆزىتىشتىن باشقا، باشقا تارماقلار ۋە كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار، مەسىلەن: فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، 1 – ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ ‹‹مەخسۇس تۈر بويىچە كۆزىتىش›› دائىرىىسىگە كىرگۈزۈلدى. نەتىجىدە، نىشان تېخىمۇ توغرا بولدى، چىرىكلەشكەنلەر چوڭقۇر تەكشۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە بەزىدە ئۇشتۇمتۇت قايتا تەكشۈرۈلدى.

  بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرستېتى پاكلىق تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: سەييارە كۆزىتىش چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ چۆچۈتۈش جەھەتتە روشەن رول ئوينىدى. مەركەز ھازىر سەييارە كۆزىتىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈۋاتىدۇ، دائىملىق سەييارە كۆزىتىش بىلەن مەخسۇس تۈر بويىچە كۆزىتىش پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە نىزام قاتارىدا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، سەييارە كۆزىتىش تۈزۈمى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتىكى كۈچلۈك قورال بولۇپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر