- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى خۇالىڭ قۇش بازىرى تاقىلىدۇ
2014.12.19 09:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۈرۈمچى يىكەنكۆل غەربىي يولىغا جايلاشقان خۇالىڭ قۇش بازىرى ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەرمەك قۇشلارنى سېتىۋالىدىغان ئاساسلىق بازارلىرىنىڭ بىرى ئىدى. 17-دېكابىر مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىدىن ساقلىنىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ بازارنى مەڭگۈ تاقايدىكەن.
بۇلاقتاغ رايونلۇق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نوپۇس زىچلىقى زور مىقداردا ئاشقان، بۇنىڭ بىلەن قۇش بازىرى شەھەر رايونىغا ئاسانلا تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل تەھدىتى ئېلىپ كەلگەن. خۇالىڭ قۇش بازىرىنىڭ ئورنى دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتىنى تەكشۈرۈش چارىسى ›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن، تاقىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر