باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو–قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى

2014.12.22 14:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھازىر قازاقىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى، ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى ۋە قازاقىستانغا ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇلتۇر ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 28 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان چاغدىكىدىن 80 ھەسسە كۆپەيدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كېلەر يىلى ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 40 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگونىڭ ھازىر قازاقىستانغا سالغان مەبلەغى 25 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، قازاقىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم مەبلەغ سالغۇچى ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىشىش ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد – سودا، ئېنېرگىيە، قاتناش – تىرانسپورت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى.

  ئېنېرگىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىش جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم نۇقتا. جۇڭگو بىلەن قازاقىستان نېفىت، تەبىئىي گاز، ئۇران كېنى قاتارلىق بايلىقلارنى ھەمكارلىشىپ چارلىدى ۋە قازدى، جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزدى.

  جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدىن باشقا ساھەدىكى ھەمكارلىشىش دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىككى تەرەپ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، قاتناش – تىرانسپورت، يېزا ئىگىلىك، پىششىقلاش، ئېلېكتىرئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە يېڭى ھەمكارلىشىش ساھەسىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، يۇقىرى پەن – تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  قازاقىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، زېمىنى كەڭ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. جۇڭگو مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، ئەمگەك كۈچى جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، نىسبەتەن مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنى ھازىرلىغان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى زور.

  قازاقىستان 2050 – يىلىغىچە بولغان دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، 2050 – يىلى دۇنيا بويىچە 30 قۇدرەتلىك دۆلەت قاتارىغا كىرىشنى نىشان قىلدى. بۇ ئىستراتېگىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستاننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدۇ. قازاقىستان تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، باج كېمەيتىش، تامۇژنىدىن ئۆتكۈزۈش جەھەتلەردە ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

  قازاقىستان ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چېگرالىنىدىغان جايغا جايلاشقان بولغاچقا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ چېگرا تىرانسپورتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش يوللىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان قاتناش ئۇل مۇئەسسەسىلىرىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئېغىزلىرىنى كۆپەيتىش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم نۇرغۇن نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەسەۋۋۇرى قازاقىستاننىڭ چېگرا تىرانسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ماس كەلدى، قازاقىستان زۇڭتۇڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر