باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە

2014.12.22 14:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 15 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز

  تارىخ بېتىدە يەنە بىر 20 – دېكابىر ئېچىلدى، بۇ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ شانلىق بىر كۈنى يېتىپ كەلگەن كۈن.

  15 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاۋمېنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئاۋمېننىڭ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانىدى. 15 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىلىق، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋەتەننى – ئاۋمېننى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇنىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلاردا تېز تەرەققىي قىلدى، ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە داڭلىق سودا شەھىرى مىسلىسىز ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 15 يىل ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇن ئەمەلىيەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن 15 يىل. مەركىزىي ھۆكۈمەت ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر قوغداپ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشنى مەركەزنىڭ ئاۋمېنغا قاراتقان تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يېڭى تۈس كىرگۈزدى.

  ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 15 يىل ئاۋمېننىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ۋە ھەمكارلاشقان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان 15 يىل. ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئاۋمېننى باشقۇرۇشنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا، ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە باشتىن – ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئاۋمېن بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ – ئاۋمېن ھەمكارلىقى ۋە جۇجياڭ دېلتىسى ئەتراپى رايونى ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ – جۇخەي – ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى ۋە خېڭچىن ئارىلىنى ئېچىش پىلانىنى تەستىقلىدى. دۆلەتنىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى تۇنجى قېتىم ئايرىم ماددا قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاۋمېننى يېڭى پۇرسەت ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلدى.

  15 يىللىق ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› نىڭ ئاۋمېندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى تامامەن توغرا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى نامايان بولماقتا؛ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئاۋمېننى ياخشى باشقۇرۇش، گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پاراسىتى، ئىقتىدارى ۋە چارىسى بار؛ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز باشتىن – ئاخىر ئاۋمېننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى، ۋەتىنىمىزنىڭ كۈنسېرى روناق تېپىشى ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ.

  15 يىللىق ئالاھىدە مۇساپە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، دېموكراتىيەنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ قورساق بولۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كەلگۈسىدە، ئاۋمېن خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، ئەۋلادلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئاۋمېن خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى قاندۇرغۇسى؛ كەلگۈسىدە، ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار خاتىرجەم شارائىتتا، خەۋپ – خەتەرنىمۇ ئويلاپ، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ سىجىل يۈكسىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگۈسى.

  ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئاۋمېن بىلەن ۋەتىنىمىزنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۈللەندۈرىدىغان زور ئىش. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز كۈچلۈك تايانچ بولۇپ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندا، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› نىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر