باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېزا تورخانىلىرىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى

2014.12.22 14:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ‹‹مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› ۋە ‹‹مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا، تورغا چىقىش تىجارەت كەسپى نىسبەتەن ئاجىز يېزىلاردا ئۆلچەم مۇۋاپىق چۈشۈرۈلۈپ، تورغا چىقىش تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلدى.

  تورغا چىقىش تىجارەت ئورۇنلىرى ئادەتتە تورخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بازار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن تۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئىشنىڭ ئالدى – كەينىدە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تورغا چىقىش مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. تورخانىلارنىڭ شەھەر، يېزا بازارلىرىدا كەڭ دائىرىدە قاپلىنىشىدەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – بازار(مەھەللە)لاردا تەربىيەلەش ۋە توردا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، يىراقتىن مەسلىھەت سوراش قاتارلىق خەلققە قولايلىق ۋە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇلازىمەتلەر يولغا قويۇلىدىكەن. يېزىلاردىكى تورخانىلار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئورتاق بەھرىلىنىش قۇرۇلۇشى، دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسى، پارتىيە ئەزالىرى يىراقتىن ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئەلالاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ، ھەم يېزا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ھەم يېزىلاردا تورغا چىقىش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى جامائەت ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەن.

  ھازىر، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، چاڭشا، لوياڭ قاتارلىق جايلاردا بۇنى سىناق قىلغىلى بىر يىلغا يېقىن بولغان بولۇپ، خىزمەتلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. تورخانىلار ئىستېمالچىلار توپىغا ماسلىشىشقا يۈزلىنىپ، تورغا چىقىش مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىستىراھىتى، كۆڭۈل ئېچىش، ئېلېكتىرونلۇق دەرسخانا، يىراقتىن مۇلازىمەت قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئىقتىدارلار ماسلاشقان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەت ئىستىراھەت ئورۇنلىرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئايلانغان

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر