باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.12.22 14:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى 19 – دېكابىر بىرلىشىپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تەدبىر ۋە چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، خەلق ئەسكەرلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا تەشكىللەشنىڭ ئۇسۇل – يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. قەشقەر شۆبە ھەربىي رايونى، مارالبېشى ناھىيەسى، بىڭتۈەن 6 – شىسى خەلق قوراللىق بۆلۈمى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى تارماق يىغىن مەيدانىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، شىنجاڭچە يولغا قەدەم قويدى. خەلق ئەسكەرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش يولىدا دادىل بولۇپ، جىددىي، مۈشكۈل، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئاساسىي جەڭگاھىدا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى چۆرىدەپ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز›› دېگەن ئىدىيەدىن تەۋرەنمەي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىرىشىپ خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. ۋەزىپە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش؛ ئەسكەرلەرنى ئىلمىي ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەر ئىشلىتىش، ئەسكەر مەشىق قىلدۇرۇش جەريانىدا ئەڭ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇش تەشۋىقات – تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي رايونلارنىڭ قوش رەھبەرلىك ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىگە بولغان سىياسىي جەھەتتىكى رەھبەرلىكى، ئىدىيە جەھەتتىكى رەھبەرلىكى ۋە سىياسەت جەھەتتىكى يېتەكلىشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئىدىيە – سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشتىن – ئاخىر پارتىيە قوراللىق كۈچلەرنى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن خەلق ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەسكەرلىرى ئارىسىدا پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى تۈپتىن مۇستەھكەملەش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلقنى بىرلەشتۈرۈش، ھەربىي ئېھتىياجنى خەلق ئېھتىياجىغا سىڭدۈرۈشنى خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشىغا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىك تەشكىلاتلار، كادىرلار ئىشلىرى، تەشۋىقات، مەدەنىيەت – مائارىپ قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە كۈچەيتىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەربىيە، مەشىق پائالىيەتلىرىدە ئەمەلىيەتنى، ئەمەلىي جەڭنى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىقىش قىلىپ، مەۋقەنى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە، خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، ھەقىقىي، ئاخىرىدىكى ئەھۋاللارنى توغرا ئىگىلەش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئۇزاق مەزگىللىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ باش قوماندانى پېڭ يۇڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى ھەم خەلق ئەسكەرلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان خەلق قوراللىق كۈچلىرى سىستېمىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە ھەربىي رايوننىڭ رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شيۇڭ شۈەنگو، جۇ چاڭجيې، جارۇللا ھېسامىدىن، سەمەت مەمەت، لى فايى، سەلىمجان سەيدۇللا، دۇ يۇڭخۈي، جاۋ جىدەن، جېن شۇيچۈەن قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە تارماق يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر