باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۇبا جازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۆرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ

2014.12.22 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇبا دۆلەت كوممىسارىياتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى رائۇل كاستىرو 20-دېكابىر سۆز قىلىپ، «كۇبانىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جازاسى بىلەن قامىلىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەنىلا ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۆرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

  رائۇل كاستىرو مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدا تۇنجى مۇھىم قەدەم تاشلىدى، بىراق تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى يەنى كۇباغا قارىتا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت قاراتقان ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە سودا قامىلىنى بىكار قىلىشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قاراتقان پۇل مۇئامىلە قامىلى بارغانسېرى كۈچەيدى.

  رائۇل كاستىرو مۇنداق دېدى: كۇبا خەلقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ قارارىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىلەر يىلى 4-ئايدا پانامادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىمەن ھەمدە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوباما بىلەن ئۇچرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر