باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014–يىلىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر

2014.12.22 14:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاچقۇچلۇق سۆز ‹‹كوللېكتىپ چىرىكلەشكەنلەر››نى قورشاپ يوقىتىش

  بۇ يىل مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان سەنشى ئۆلكىسىدىكى چاتما دېلو، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىدىكى چاتما دېلو، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىدىكى چاتما دېلو قاتارلىق زور چىرىكلىشىش دېلولىرى مەركەز، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەم دۆلەت كارخانىلىرىغا چېتىلدى. بۇ دېلولارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرى تەكشۈرۈلۈۋېدى، نۇرغۇنلىرىغا چېتىلدى، كوللېكتىپ چىرىكلىشىش خاراكتېرى گەۋدىلەندى.

  2014 – يىلى سەنشى ئۆلكىسىدىلا ئۆلكە باشلىقى – مىنىستىر دەرىجىلىك كادىردىن يەتتىسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، بۇلارنىڭ تۆتىسى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇلارنىڭ ئىش ئورنى پارتكوم، ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ۋە تەييۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغىچە چېتىلدى؛ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىدىكى چاتما دېلودا ئىككى مەھكىمە باشلىقى، بىر مۇئاۋىن باشلىق، مۇئاۋىن كۆزەتكۈچى قاتارلىق بەش كىشى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئاساسەن ھەممىسى چىرىكلەشكەن. بۇنداق چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇزغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزگەن، يەرلىكنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور زىيان سالغان.

  تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ شياۋخۇ مۇنداق دېدى: كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش جەھەتتىكى چىرىكلىك تېخىمۇ ئېغىر بولۇۋاتىدۇ، ئەمەل كويىدا قاترىمىغانلار، سوۋغا – سالام بەرمىگەنلەر ئوز ئورنىدا تۇرۇپ قالىدىغان، قاترىغانلار، سوۋغا – سالام بەرگەنلەر ئۆستۈرۈلىدىغان مۇھىتتا كوللېكتىپ چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى يامراپ كەتتى، سىياسىي تەرتىپ بۇزۇلدى. شۇڭا، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ‹‹چەمبىرەك مەدەنىيىتى››نىڭ سەلبىي تەسىرىنى تۈگىتىپ، ‹‹سىياسىي گېئولوگىيەلىك يوشۇرۇن ئاپەت››نى يىلتىزىدىن يوقىتىش كېرەك.

  ئاچقۇچلۇق سۆز ‹‹ئېغىر چىرىكىلەشكەن كىچىك ئەمەلدارلار››نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قىسمەن دەرىجىسى تۆۋەن بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلار ۋە كەنت ئەمەلدارلىرى چىرىكلىككە ئائىت زور دېلولارنىڭ ‹‹ئاساسلىق پېرسوناژى››غا ئايلاندى، نەچچە 100 مىليون، نەچچە 10 مىليون يۈەنلىك دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى، تور ئەھلى بۇنداق ئەمەل – مەنسىپى كىچىك، ئەمما ئېغىر دەرىجىدە چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى ‹‹يولۋاس كەبى چىۋىنلەر››دەپ ئاتىدى.

  120 مىليون يۈەن، 37 كىلوگرام ئالتۇن، 68 يۈرۈش ئۆي... مانا بۇ بۆلۈم دەرىجىلىك ئەمەلدار چىنخۇاڭداۋ شەھىرى بېيدەيخې رايونى سۇ بىلەن تەمىنلەش باش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ما چاۋچۈننىڭ ‹‹چىرىكلىشىش تىزىملىكى››. ماۋ چاۋچۈنگە ئوخشاش نۇرغۇن كىچىك ئەمەلدار سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىشقا باشلىدى. گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ‹‹بەييۈن›› يېزا ئىگىلىك، سانائەت ۋە سودا بىرلەشمىسى شىركىتىنىڭ سابىق دىرېكتورى جاڭ شىنخۇا 284 مىليون يۈەنگە خىيانەت قىلغان، 100 مىليون يۈەن پارا ئالغان دەپ ئەيىبلەندى؛ بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى غەربىي شىمال ۋاڭجېن بازىرى خۇاڭخوديەن كەنتىنىڭ بوغالتىرى چېن ۋەنشۇ 119 مىليون يۈەننى يۆتكەپ ئىشلەتكەن. ‹‹ئېغىر چىرىكىلەشكەن كىچىك ئەمەلدارلار›› ئاساسلىقى يېزىلارنىڭ يەر ئېلىش، چېقىش – كۆچۈرۈش، تۈر تەستىقلاش، ھۆكۈمەت خىراجىتىنى تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا چېتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە يېزىلارنى ئاساس قىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، تولۇقلىما پۇلنى كۆپەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى چىرىك ئەمەلدارلار ‹‹قارا قولى››نى بۇ ساھەلەرگە سوزغان.

  دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي: ‹‹يولۋاس››نىڭ قانداق چىرىكلەشكەنلىكىنى ئاۋام پۇقرا بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار‹‹چىۋىن››نىڭ قانچىلىك چىرىكلەشكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىشتە ئىشنى ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھوقۇقنى يەڭ ئىچىدە يۈرگۈزۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقىپ، ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشنى ئاشكارا كۈچەيتىش كېرەك.

  ئاچقۇچلۇق سۆز – سالتاڭ ئەمەلدارلار

  ئائىلىسىدىكىلەر چەت ئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن، ئۆزى مەملىكەت ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كادىرلاردىن ئىبارەت ‹‹چىرىك ئەمەلدارلار زاپاس قوشۇنى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار›› ھادىسىسى ئۇزاق يىللىق ساقايماس كېسەل بولۇپ قالدى. بۇ يىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنلياۋ بۇنىڭ تىپىك مىسالى، ساۋ جيەنلياۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

  ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار›› 2014 – يىلى نۇقتىلىق تۈزەش ۋە ئېنىقلاش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدا ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار››نى ئېنىقلاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار››دىن 2190 كىشىنى بايقىدى، ئائىلىسىدىكىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى رەت قىلغان 866 ‹‹سالتاڭ ئەمەلدار››نىڭ ئىش ئورنىنى تەڭشىدى؛ بېيجىڭ شەھىرى ئىدارە، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار››نى ئېنىقلاش ئارقىلىق، 46 كىشىنىڭ خىزمەت ئورنىنى تەڭشىدى. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن جاي نىزام چىقىرىپ، ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار››نى نۇقتىلىق تەرتىپكە سالدى. ‹‹گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى (لايىھەسى)›› دە ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار›› نى مۇھىم ئورۇنلار، سەزگۈر ئورۇنلارغا ۋەزىپىگە تەيىنلىمەسلىك، رەھبىرىي كادىرلىققا ئۆستۈرۈش ئوبيېكتى قىلماسلىق كېرەك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى پاك بولۇش ۋە تۈزەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۆزىتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تۈزىتىش ئارقىلىق، ئۇزاقتىن بۇيان ساقايماي كەلگەن ‹‹سالتاڭ ئەمەلدارلار››، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشتەك جاھىل كېسەلگە داۋا تېپىلىپ، تۈزەش سالمىقى زورايتىلدى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، تېخىمۇ ئېغىر چىرىكلىكنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، دۆلەتنىڭ مال – مۈلكى قوغدالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر