باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتتى

2014.12.24 08:47   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» نى تارقاتتى

  ماتېرىيال سۆرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا قىلچە تەۋرەنمەي مېڭىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، ئارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋىي ماكانىنى بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئالتە جەھەتتىكى 25 تۈرلۈك پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ئېلىمىزنى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق بەرپا قىلغان، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلىكتە شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىدىغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئاساسىي تەلەپلەرنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك: پارتىيە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشتا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق بىر گەۋدىلىك ئىدىيەۋى ئاساسىدا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بازار ئىگىلىكىنىڭ كېيىنرەك يولغا قويۇلغانلىقى، رىقابەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى؛ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئىقتىسادنىڭ تېز راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى تەڭلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئومۇمىي جەھەتتىن شەرقىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرقنىڭ چوڭلۇقى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئارىسىدا تەرەققىيات پەرقى چوڭ بولۇش مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىكلىكى؛ دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئاجىزلىقى، تارىختىن قالغان قەرزنىڭ كۆپلۈكى، بەزى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ يەنىلا قالاق ئىكەنلىكى؛ مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە مىللەت ئامىلىغا چېتىلىدىغان تالاش-تارتىشىنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىنىڭ تەڭلا مەۋجۇتلىقى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىكى؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىن ئەسەبىيلىكىگە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىكلىكى بىلەن قىسمەن رايونلاردا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ قۇترىشىدەك ئەھۋالنىڭ تەڭلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ