باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى

2014.12.24 08:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 155 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شې جىڭرۇڭ بەرگەن ھاۋا يولى-سۇ يولى قانۇنىنىڭ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا: لايىھەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپتۇ، يىغىننىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، دەپ قارالدى.

  يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن بەرگەن يىمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. تۈزۈتىلمىسىنىڭ 2-قېتىم تۈزىتىش نۇسخىسىدا يىمەكلىكلەرنى ساقلاش ۋە توشۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ راۋانلاشتۇرۇش، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى قىلىشتا بەلگىلىمە بويىچە بەلگە سېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى.

  قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمىسى 1-قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسەن، مۇزاكىرە قىلىنىپ ئۆزگەرتىلدى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شياۋياڭ بەرگەن ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر