- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەملىكەت بويىچە 11-ئايدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 7308 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى
2014.12.24 16:52 مەنبە: خەلق تورى
گېزىتىمىز، بېيجىڭ، 23-دېكابىر تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ يىل 11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 5699 ى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان، 7308 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3075 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 73 مىڭ 332 سى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان، 96 مىڭ 788 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 29 مىڭ 26 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر