- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 7 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك مەركەزنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇردى
2014.12.24 16:55 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 23-دېكابىر تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا كېڭىشىش ئارقىلىق 2014- ۋە 2015-يىللىق مەركەزنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 7 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان، بىرىنچى تۈركۈمدىكى 5 مىليارد 680 مىليون يۈەن مەبلەغنى پات ئارىدا چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن، بۇ پۇل جايلاردىكى ئاپەت بولغان رايونلارنىڭ بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئوزۇق-تۆلۈكلىرى، كېيىم-كېچەكلىرى، ئىسسىنىش قاتارلىق قېيىنچىلىقلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىشىغا ئىشلىتىلىدىكەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن ئۆتۈش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. قالغان مەبلەغ چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە چۈشۈرۈپ بېرىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر