باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2014.12.24 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 23-دېكابىر تېلېگراممىسى. خەلق گېزىتى ئابونتچىلار تېرمىنالىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىغا «شەھەر-يېزا ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» نى بەرگەن.

  دوكلاتتا تۇنجى قېتىم مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئورگان-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى بىلەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي تەسەۋۋۇرى «بىرى ئوخشاش بولۇش»، «بەشتە ماس قەدەم بولۇش» دىن ئىبارەت. «بىرى ئوخشاش بولۇش» دېگەنلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردا كارخانىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىدارە-تارماق بىلەن شەخسىيلەر ھەق تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇش، پېنسىيە پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈم ۋە مېخانىزم جەھەتتىن «قوش تۈزۈم» كەلتۈرۈپ چىقارغان زىددىيەتنى ھەل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «بەشتە ماس قەدەم بولۇش» دېگەنلىك ئىدارە-تارماقلار بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭكىنى ماس قەدەمدە ئىسلاھ قىلىپ، كەسپىي يىللىق پۇل بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ماس قەدەمدە ئورنىتىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى بىلەن مائاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش، تەمىناتنى تەڭشەش مېخانىزمى بىلەن ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىنى ماس قەدەمدە ئىسلاھ قىلىش، ئىسلاھاتنى مەملىكەت بويىچە ماس قەدەمدە يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر