- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قاتناش مىنىستىرلىقى 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ئومۇمىي گەۋدىسى بويىچە قاتناش مىنىستىرلىقى 66 مىليارد 100 مىليون يۈەن زىيان چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى
2014.12.24 16:56 مەنبە: خەلق تورى
قاتناش مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 2013-يىللىق مەملىكەتلىك ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنى قىلدى. ئاخباراتتىن مەلۇم بولىشىچە، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاش يولدىن قىلىنغان ئاپتوموبىل قاتناش ھەققى كىرىمى 365 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي چىقىم 431 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ئومۇمىي گەۋدىسى بويىچە 66 مىليون 100 مىليون يۈەن زىيان چىققان.
ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ جەمئىي مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىلىيون 443 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭكى 4 تىرىلىيون 906 مىليارد 700 مىليون يۈەنكەن، قالغان تاشيولنىڭكى 536 مىليارد 500 مىليون يۈەنكەن، بۇلار ئايرىم-ئايرىم مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %90.1 ۋە %9.9 نى ئىگىلەيدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ئاپتوموبىل قاتناش ھەققىدىن 42 مىليارد 800 مىليون يۈەن كەچۈرۈم قىلىنغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر