باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاستە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2014.12.26 10:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى، مالىيە مىنستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا «ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا باشقا جايلاردا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئائىت يىتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا 2015-يىلى ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاستە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2016-يىلى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان پىنىسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاستە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۈچ مىنستىرلىق كومىتېت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئۆلكە دەرىجىلىك باشقا جايلاردا داۋالىنىشنى راسچوت قىلىش سەھنىسى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە ئىچىدىكى بىر تۇتاش پىلانلانغان رايون ئىچىدە داۋالانغانلار ئۇچۇرى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى سان-سىفىرلىرى شۇنداقلا چىقىمنى راسچوت قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشنى قوللىشى ھەمدە مۇشۇ سەھنە ئارقىلىق، ئۆلكە ئىچىدىكى باشقا جايلاردا داۋالىنىشنى بىۋاستە راسچوت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر