باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايشىيادا 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

2014.12.26 14:27         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مالايشىيادا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان ، 90 مىڭدىن كۆپ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان .

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، 24-دېكابىر كېچىدە مالايشىيانىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى 10 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، بىخەتەر جايلارغا بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان . كېلانتان ئىشتاتىدا ئاپەت ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، 32 مىڭ 300 ئادەم ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسلىق دەريانىڭ سۇ ئورنى 10 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن ۋە داۋاملىق ئاشقان. ئىگىلىنىشىچە ، كەلكۈن ئاپىتىدە بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەم قازا قىلغان، يەرلىك دائىرىلەر ئاپەت تۈپەيلى يېڭى يىللىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. مالايشىيا زۇڭلىسى ناجىب ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىپ، خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر