باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى جۇڭگو مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق

2014.12.29 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى 22-دېكابىردىن 25-دېكابىرغىچە ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، مىسىرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى جۇڭگو مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقى نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

  2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل 6-ئايدا سىسى زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، مىسىرنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى پەيدىن پەي توغرا ئىزغا چۈشتى.

  1-، مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم بولدى، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئازايدى، مىسىرنىڭ ئىچكى قىسمىدا گەرچە بەزى ئەسەبىي تەشكىلاتلار بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئادەم سانى ئاز، تەسىرى ئىنتايىن چەكلىك بولدى. مىسىر خەلقىنىڭ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىشى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب. ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋالغۇش بولغاندىن كېيىن، ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىسىر خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلابقا بولغان قىزغىنلىقىنى يوقاتتى، ئۇلار داۋاملىق مالىمانچىلىق بولسا چىقىش يولىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا ئاندىن گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  2-، مىسىرنىڭ ئىقتىسادىدا گۈللىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنىدا مىسىر زۇڭلىسى ئىبراھىم مەھلەب مۇنداق دېدى: 2011-يىلىدىن بۇيان سىياسىي داۋالغۇشنىڭ تەسىرىدە مىسىر ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %2 ئەتراپىدا بولدى، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 2015-يىلىدىكى ئېشىش نىسبىتىنىڭ %3.8كە يېتىشىدىن ئۈمىد بار. مىسىر ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 3-ئايدا 4 يىللىق تەرەققىيات ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ مالىيەنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش، پاراۋانلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ مەقسىتى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كەڭ قورساق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مىسىرنىڭ ئىقتىسادى بولغان ئىشەنچىسى ئېشىشقا باشلىدى. ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىسى ھەمزە ئافېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلىكى ۋە تولۇق ئەرزان ئەمگەك كۈچى بار، كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى مىسىردىن چېكىنىپ چىققان مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ يەرگە قايتىدىن قايتىپ كېلىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مىسىرنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق. مىسىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئارام مىسىرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئۈستۈنلىكى بار، بۇ ئۈستۈنلۈكلەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق، دېدى.

  1-، مىسىرنىڭ نۇرغۇن ئەرزان ئەمگەك كۈچى بار، مىسىر نوپۇسى تەخمىنەن 90 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 ياشقا بارمىغان ياشلارنىڭ نىسبىتى %60تىن ئاشىدۇ، ياش ئەمگەك كۈچلىرى يېتەرلىك، ھەمدە مىسىرنىڭ ئەمگەك كۈچى تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن.

  2-، مىسىر جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۈستۈنلىكىگە ئىگە. مىسىر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرىگە بارغىلى بولىدۇ، جەنۇبتا سەھرايى كەبىر ئارقىلىق جەنۇبىي ئافرىقىغا تۇتىشىدۇ، شەرقتە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق نېفىت مول دۆلەتلەر بار. جۇڭگو كارخانىلىرى مىسىرغا مەبلەغ سالسا بۇنىڭ تەسىرى ياۋروپا، ئافرىقا ۋە غەربى ئاسىياغىچە يېتىپ بارىدۇ، بۇ بازارنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  ئۇندىن باشقا مىسىرنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن ئاجىز ھەمدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تۈرلىرىنىڭ بىرى، مىسىرنىڭ كىلىمات شارائىتى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. مىسىر سەھرايى كەبىر چۆللىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قىشلىقى قۇرغاقچىلىق بولۇپ يامغۇر ئاز ياغىدۇ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك، بۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشكە ئىنتايىن پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر