- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ ئاممىۋىي قاتناش يېڭى بېلەت باھاسىنى يولغا قويدى
2014.12.29 15:17 مەنبە: خەلق تورى
بېيجىڭدا تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئاممىۋىي قاتناشتا يېڭى بېلەت باھاسى يولغا قويۇلدى. بېيجىڭ يەر يۈزى قاتنىشىنىڭ باشلىنىش باھاسى ئون كىلومېتىر دائىرىسىدە 2 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، مېترو 2 يۈەنلىك دەۋر بىلەن خوشلاشتى، باشلىنىش باھاسى 6 كىلومېتىر ئىچىدە 3 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى ھەمدە 62 كىلومېتىر كېلىدىغان 6-لىنىيەنىڭ 2-باسقۇچى، 7-لىنىيە، 14-لىنىيەنىڭ شەرقى بۆلىكى، 15-لىنىيەنىڭ 1-باسقۇچىنىڭ غەربى بۆلىكى قاتارلىق 4 رېلىسلىق قاتناشنىڭ يېڭى لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 527 كىلومېتىرغا يەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر