باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە

2014.12.29 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندونېزىيەنىڭ ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيەدىن سىنگاپورغا ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈنۈگۈن سائەت 7دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يەر يۈز بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، ئايروپىلاندا 162 كىشى بار ئىدى.

  A320بەلگىلىك QZ8501-نۆۋەتچى ئايروپىلان غەربى ھىندونېزىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە جۇئاندا خەلقئارا ئايرودۇرۇمدىن ئۇچقان، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا ئايروپىلان ھىندونېزىيەدىكى ئاۋىياتسىيە ئاخبارات رايونى دائىرىسىدە ئىدى. يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەسلىدە سىنگاپور ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدا چانگى ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باراتتى.

  ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن پىلاندىكى لىنىيە بويىچە ئۇچقان، سائەت 6دىن 12مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچقۇچى سولغا قايرىلىپ ئۇچۇپ بولۇتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكىنى 38 مىڭ ئىنگلىز مىلغا ئۆرلىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئارىدىن 5 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلان رادار سىستېمىسىدىن يوقاپ كەتكەن. سۈنئىي ھەمراھ بۇلۇت ئاتلىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئايروپىلان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىكى ئورۇن ياۋا دېڭىزى ئاسمىنىدا قارا يامغۇر ياغقان.

  ھىندونېزىيەدىكى بىر تور بېكىتى ئايروپىلان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىپ 3 سائەتتىن كېيىن مۇنداق دېدى: بىر بېلىقچى باڭكا بېلىتۇڭ ئارىلىنىڭ شەرقى قىسمىدا بىر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇ جايدىكى دېڭىز تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى بۇ دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان، لېكىن چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلان ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرمىگەن. ھىندونېزىيە 7 پاراخوت ۋە ئىككى تىك ئۇچۇرنى كالىمانتان ئارىلى ۋە باڭكا بېلىتۇڭ ئارىلى ئارىسىدىكى جايغا ئەۋەتىپ ئاختۇردى، لېكىن ئالاقىدار رايوننىڭ كىلىمات ئەھۋالى ناچار بولغانلىقتىن، ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقىمىدى.

  ھىندونېزىيەنىڭ قاتناش مىنىستىرى زوك مۇريائاتموچاۋ تۈنۈگۈن كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئايروپىلاننىڭ مېيى 4 يېرىم سائەت ئۇچۇشقىلا يېتىدۇ، شۇڭا داۋاملىق ئۇچالمايدۇ.

  ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: گەرچە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى لىنىيەسىنىڭ كىلىمات شارائىتى ناچار بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەندە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئائىت ھېچقانداق سىگنال تاپشۇرۇپ ئالمىدى، مالايسىيا ساقچى دائىرىلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار پەرەزلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: ھازىر ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراشقا ئالاقىدار ھېچقانداق ئاخبارات يوق. ئۇندىن باشقا نۆۋەتچى ئايروپىلانغا 6 يىل 3 ئاي بولغان، بۇ يىل 11-ئايدا يېڭىلا ئاسرالغان، ئۈسكۈنىلەرنىڭ كونىرىشىدىن ۋەقە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىنى ئاساسەن يوققا چىقىرىشقا بولىدۇ.

  ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ھىندونېزىيە ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە قاراشلىق مالايسىيا ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى گۇرۇھىغا تەۋە بولۇپ، ھىندونېزىيەدىكى بىر قەدەر تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئۇلار ئاساسلىقى پايتەخت جاكارتانى مەركەز قىلغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا لىنىيەدە تىجارەت قىلىدۇ، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى %49 پاينى كونترول قىلىدۇ.

  ئوتتۇرھال قاتلامدىكىلەر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە كەسپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلدى، لېكىن ھەددىدىن ئارتۇق تېز كېڭىيىش ھىندونېزىيەگە ھەتتا پۈتۈن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپىگە ئايرودۇرۇملار نورمىدىن ئاشۇرۇپ تىجارەت قىلىش، خادىملارنىڭ ساپاسى تۆۋەنلەش، تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش ھالقىلىرى ئاجىزلاش قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن رايونلاردىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇچۇش مەنئىي قىلىندى.

  بۇ يىل ئاۋىياتسىيە تارىخىدىكى قارا يىل بولدى. ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولغان مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدە بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ۋەقە يۈز بەردى، بۇ قېتىمقى ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسى پۈتۈن رايوننىڭ ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە كەسپىگە يەنە بىر قېتىم زەربە بولىدۇ. شىركەت خادىمى ۋېيتا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چوڭ شىركەتلەرلەرنىڭ، چوڭ ئايروپىلانلارنىڭ كاپالىتى كۆپ بولىدۇ. ئاشۇرۇپ قالغان ئازغىنە پۇلدىن، بىر ئائىلە كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ مۇھىم.

  ھىندونېزىيە قاتناش بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئەيدىفا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەرزان باھالىق ئاۋىياتسىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ئاۋىياتسىيە كەسپى باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى توغرىلىق ۋە تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇشقا مۇھتاج، تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇل ئەسلىھە، ئۇچقۇچىلار، تېخنىكا خادىملار، باشقۇرۇش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر