باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپ 45 دېلو ئېلان قىلىندى

2014.12.29 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە 28-دېكابىر ھەپتىلىك ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، يېقندا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك 155 دېلو ئېلان قىلىندى. بۇ دېلولار ئاساسلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا، پۇل قۇبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇلازىمەت ئوبېكتىنىڭ زىياپەت تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ساياھەت قىلىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن سودا كارتىسى سېتىۋېلىش، توي تۆكۈن نەزىر چىراقلارنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى شەخسى ئىشقا ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەمىنات تارقىتىش، شەخسەن«كىچىك خەزىنە» تەسىس قىلىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىمارەتلەرنى سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر.

  يېڭى يىل چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىلنىڭ» تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن كارتا، بايراملىق سوۋغا سېتىۋېلىپ ھەددىيە قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى يېقىندا «تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش مەلۈم قىلىش ۋە ئاشكارىلاش مەخسۇس بېتى تەسىس قىلىپ، تورداشلارنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن كارتا، بايراملىق مال سېتىۋېلىپ ھەددىيە قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى نازارەت قىلىش مەلۈم قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر