- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالاقە لېنىيەسى، كەڭ بەلۋاغ، سىملىق تېلېۋىزىيە بىرلەشتۈرۈلمەكچى
2014.12.29 17:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاممىۋى قۇرۇلۇشلاردىكى ئالاقە لېنىيەسى، كۆچمە ئالاقە، سىملىق رادىئو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپلىگەن مۇلازىمەت ئۇچۇر تورىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قايتا قۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان كومىتېتى، ئىقتىساد-ئۇچۇر كومىتېتى ئاكتىپ ھالدا ئاممىۋى قۇرۇلۇشلاردىكى ئۈچ تورنىڭ بىرلىشىش پىلانى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل"ئاممىۋى قۇرۇلۇشلاردىكى ئالاقە لېنىيەسى ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى لايىھەلەش، قېلىپلاشتۇرۇش"نى تۈزىتىشنى تەشكىللەيدۇ ھەم بۇ يىلدىن باشلاپ ئاشكارە پىكىر قۇبۇل قىلىدۇ. ئولتۇراق رايوندىكى بىرلا ئەسلىھە ئۆيى بىرلا ۋاقىتتا ئالاقە لېنىيەسى، كەڭ بەلۋاغ، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئىقتىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ ھەمدە تېجەپ قېلىنغان بوشلۇق تېخىمۇ كۆپلىگەن ھالدا يېشىللىققا ئۆزگەرتىلدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر