- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان قىز
2014.12.29 16:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكىدىكى 15 ياشلىق بىر قىز قارا ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغىنىدا ، ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، فىلورىدا ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق لېدى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ سەيلە قىلغىلى تالاغا چىققان ، نەدىندۇر يۈگۈرۈپ چىققان بىر قارا ئېيىق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئېرىق بويىغا سۆرەپ ماڭغان ، قىز ‹‹ قۇتۇلدۇرۇڭلار ›› دەپ ۋارقىرىماقچى بولغانيۇ ئەمما توساتتىن ئەقلىنى ئىشلىتىپ ، يالغانلاردىن ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالغان ، شۇنىڭ بىلەن ئېيىقنىڭ ‹‹ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ›› كېتىپ قالغان ، قىز قۇتۇلۇپ قالغان .
لېدىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، قىزنىڭ بېشى ۋە يۈزى ئېغىر دەرىجىدە يارلانغان ، ئىككى سائەتچە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قىزنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر